بۇ يىل پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %9.4 بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكاسى باشلىقى ناجى ئاغبال پۇل پاخاللىقىنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا %9.4 بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1572888
بۇ يىل پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %9.4 بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكاسى باشلىقى ناجى ئاغبال مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يىلنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پۇل پاخاللىقى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ يېقىنقى ئايلاردا دوللار قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ، پۇل پاخاللىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلەرنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2021-يىلى پۇل پاخاللىقى تەخمىنلىرىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «يىل ئاخىرىدا (2021) پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى %9.4 بولىدۇ، دەپ تەخمىن قىلىۋاتىمىز. ئۆكتەبىر ئايلىق پۇل پاخاللىقى دوكلاتىدا تەخمىن قىلىنغان رەقەملەر ئۆزگەرمىدى. 2022-يىلى بولسا، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى %7 بولىدۇ، دەپ تەخمىن قىلىمىز» دېدى.

ئۇ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى %5 گە چۈشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۇل سىياسىتى كېڭىشىنىڭ قولىدىكى بارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پۇل پاخاللىقى نىشانىمىزغا 2023-يىلى يېتىدىغانىقىمىزنى تەخمىن قىلىۋاتىمىز. نىشانغا يەتكىچە ئېھتىياتچان بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر