ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى

ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يانۋاردا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا% 4 ئېشىپ، 83.3 كە يەتتى.

1568493
ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، يانۋار ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركەز بانكىسى ھەمكارلىشىپ ئىستېمالچىلارنىڭ مايىللىقى ھەققىدە ئىشقا ئاشۇرغان راي سىناش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى  يانۋاردا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا% 4 ئېشىپ، 83.3 كە يەتكەن.

دېكابىردا 80.1 بولغان بۇ كۆرسەتكۈچ، يانۋار ئېيىدا 83.3 كە ئۆرلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر