ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستان «دوستلۇق» نېفىتلىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدا كېلىشتى

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستان كاسپىي دېڭىزىدىكى «دوستلۇق» ناملىق نېفىتلىكتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

1568501
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستان «دوستلۇق» نېفىتلىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ تۈركمەنىستانلىق مەنسەپدىشى راشىت مەرەدوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، «دوستلۇق» نېفىتلىكىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىشلىتىشنى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋمۇ سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

تۈركمەنىستانلىقلار «سەردار »، ئەزەربەيجانلىقلار «كەپەز» دەپ ئاتايدىغان نېفىتلىكنىڭ قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

مۆلچەرلىنىشىچە، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كاسپىي دېڭىزىدا تەخمىنەن 60 مىليون توننا نېفىت زاپىسى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر