تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەڭ ئىلغار شىركەت بولدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 13 – يانۋار كۈنى ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولدى.

1564173
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەڭ ئىلغار شىركەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياتسىيە يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بايراق توشۇغۇچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، چارشەنبە كۈنى 543 ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە بۇ ساھەدە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىز سىلەر ئۈچۈن ئۇچۇۋاتىمىز. دەرۋەقە، ھازىر ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ، ھازىر ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئۇچۇشنى بىز ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىمىز. دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دۆلەت (102) كە بىز ئۇچۇۋاتىمىز.  خۇدايىم بۇيرۇسا، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ماسكا تاقاش ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئارىلىق قالدۇرۇش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىش ئارقىلىق 2021 – يىلىمۇ ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر