ئىراقتا ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى پائالىيەتكە ئۆتتى

ئىراقنىڭ سالاھىدىن شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بەيجى ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پائالىيەتكە ئۆتتى.

1562531
ئىراقتا ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى پائالىيەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بەيجىنى رېمۇنت قىلىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، كۈندىلىك 70 مىڭ ۋارىل خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ھۇجۇملىرىدىن بۇرۇن، مەزكۇر نېفىت ئايرىش زاۋۇتتىدا، كۈندىلىك 280 مىڭ ۋارىل خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، 2014-يىلى 6-ئايدا دائېش تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنىدى.

تېررورچىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بەيجى، 2015 – يىلى ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تەكرار كونترول ئاستىغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر