ياپونىيە بىلەن مېكسىكا ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان بولدى

ياپونىيە بىلەن مېكسىكا تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك كېلىشىمى (TPP)  نى مۇقىم ھالدا ئىجرا قىلىش ۋە كېڭەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1558544
ياپونىيە بىلەن مېكسىكا ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موتېگى توشىمىسۇ مېكسىكا شەھىرىدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە، مەنسەپدىشى مارسېلو ئېبرارد بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا موتېگى توشىمىسۇ ياپونىيەنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى نىشان قىلغان، تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك كېلىشىمى (TPP)  نى كۈچەيتىش ۋە ئەزالىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مېكسىكا بىلەن يېقىن  ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتى ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى مۇزاكىرىلەشتى.  

موتېگى توشىمىسۇ مېكسىكانىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى تاتيانا كلوتىئېر كاررىلو بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ،  مېكسىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەخمىنەن 1300 ياپونىيە شىركىتىنىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

موتېگى توشىمىسۇ چەتئەل زىيارىتى دائىرىسىدە يەنە، قىتئەدىكى ئۇرۇگۋاي، ئارگېنتىنا، پاراگۋاي، بېرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئاخىرىدا ئافرىقىدىكى نىگېرىيە ۋە كېنىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر