ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتى (IRISL) بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ 6 خەلقئارالىق شىركىتىنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1512414
ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىراننىڭ، دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتى (IRISL) نى باللىستىك ۋە يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان ماتېرىيللارنى قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇ شىركەتنىڭ ئىيۇن ئېيىدا «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، باشقا شىركەتلەرنىمۇ بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغان، مەركىزى خىتايدىكى Reach Holding گۇرۇھى،  Reach Shipping Lines گۇرۇھى، Delight Shipping Co گۇرۇھى، Gracious Shipping Co گۇرۇھى، Noble Shipping Co  گۇرۇھى ۋە  Supreme Shipping Co  گۇرۇھىدىن تەشكىل تاپقان 6 شىركەت ۋە ئىككى شەخسكە،  «بىلىپ تۇرۇپ ئىراننى تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى» سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىيۇن ئېيىدا ئىراننىڭ دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتى (IRISL) بىلەن خىتاينىڭ مەركىزى شاڭخەيدىكى E-Sail شىركىتىنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشتا ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبلىك،  بۇ شىركەتلەرگە ئېمبارگو  يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر