فىتچ رېيتىڭس: يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى سەلبىي تەسىرى ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ ھېس قىلىنىدۇ

خەلقئارا كىرىدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى – فىتچ رېيتىڭس، كوۋىد – 19 نىڭ ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1462890
فىتچ رېيتىڭس: يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى سەلبىي تەسىرى ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ ھېس قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىتچ رېيتىڭس بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە، كانادا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىملىرىنىڭ يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەلىرىگە نىسبەتەن  %3 بىلەن %4 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كوۋىد – 19 نىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە پەيدا قىلغان تۇرغۇنلۇقنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ ھېس قىلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشسىزلىق ئېغىرلاشقانسېرى، خىزمەت ۋاقتى قىسقارغانسېرى ۋە سېلىنما بىلەن سېلىنما بىرىكمىسى ئاستىلىغانسېرى كوۋىد – 19 نىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك زىيانلىرىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مەسىلىسىدە ئېغىر تۇراقسىزلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەكىتلىنىپ، كوۋىد – 19 غا مۇناسىۋەتلىك مۇساپىلەرنىڭ قايسى يۆنىلىش بويىچە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنىڭ مەۋھۇملۇقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.

يۇقۇمدا يېڭى دولقۇنلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ۋە كارانتىن تۈزۈملىرىنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، تېببىي ساھەدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر