ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنە ئازايتىدۇ

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر-ئوپېك (OPEC) خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1456088
ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنە ئازايتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوپېك ۋە ئوپېكنىڭ سىرتىدىكى بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مىنىستىرلىرىنىڭ 20-قېتىملىق ئورتاق مىنىستىرلار كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس يىغىنى باشلاندى.

ئوپېك رەھبىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  نىڭ ئىقتىسادقا ۋە دۇنيا نېفىت بازىرىغا بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوپېك دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 23 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ئوپېكنىڭ كۈنلۈك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 2020-يىلى 1-مايدىن 31-ئىيۇلغىچە بولغان مەزگىلدە 9.7 مىليون ۋارىل ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا، بۇ مىقدارنى ئازايتىشنىڭمۇ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىرلىكتە ۋە ئىنتىزام بىلەن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى.

ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باشلامچىسى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 7.7 مىليون ۋارىلغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى چۈشۈرۈش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ئاشقان نېفىت، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى بازىرىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئېكسپورت قىلىنمايدۇ. بۇ دۇنيا نېفىت بازىرىغا تەسىر قىلمايدۇ. دۇنيا نېفىت بازىرىدا تەلەپنىڭ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنىڭ سىگناللىرى كۆرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى دولقۇن خەتىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر