رۇسىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىشقا قوشۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

رۇسىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1 مىليون 600 مىڭ ۋارىل قىسقارتىشقا قوشۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1394290
رۇسىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىشقا قوشۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاسس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1 مىليون 600 مىڭ تۇڭ ئازايتىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ، ئوپېك (نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى) ۋە ئوپېك سىرتىدىكى بىر قىسىم ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1 مىليون 600 مىڭ ۋارىل ئازايتىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى 2020- يىلى بىرىنچى چارىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %14 كە تەڭ كېلىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئوپېك ۋە ئوپېكقا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى «ئادىل كېلىشىم» گە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئوپېك ۋە ئوپېكقا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بىر قىسىم دۆلەتلەر 9- ئاپرېلدا تېلېفون يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر