«تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۆلچەردىكىدىنمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى»

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 2019 – يىلى مۆلچەردىكىدىنمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1338586
«تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۆلچەردىكىدىنمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ  2019 – يىلى مۆلچەردىكىنمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى،  بۇ ھەقتە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر سايىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي نەتىجىلەرنىڭ  كۆپ ساندىكى خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ مۆلچەرلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىسقىسى، 2019 – يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، 2020 – يىلقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىمىزغا يېتىش يولىدا تېخىمۇ جەسۇر قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر