ئوپېكنىڭ خام نېفىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش قارارى بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنە 500 مىڭ ۋارىل قىسقارتىش توغرىسىدىكى قارارى بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوپېكنىڭ مەزكۇر قارارى 2019 – يىلى 6 – دېكابىردا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا چاقىرىلغان 7 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىدا چىقىرىلغانىدى. قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەر، كۈنلۈك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 500 مىڭ ۋارىل قىسقارتىدۇ. قىسقارتىش 2018 – يىلى دېكابىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۈنلۈك ئوتتۇرىغچە بىر مىليون 200 مىڭ ۋارىللىق قىسقارتىشقا ئىلاۋە قىلىنىدۇ ۋە 2020 – يىلىنىڭ مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان 6 – دېكابىردا بايانات بېرىپ، كۈنلۈك 500 مىڭ ۋارىل قىسقارتىشنىڭ 167 مىڭ ۋارىلىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن ئورۇندىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقىرىقىلارغا قوشۇمچە قىلىپ، كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى پىداكارلىق بىلەن 400 مىڭ ۋارىل قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شاھزادە سەلمان، ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 1 – يانۋاردىن باشلاپ كۈنلۈك 2.1 مىليون ۋارىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇتەخەسسىسلەر، قاراردىن كېيىن خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈتمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.