پاكىستان ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

پاكىستان ئېنېرگىيە ۋە نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر ئەييۇب خان تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

1293347
پاكىستان ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئېنېرگىيە ۋە نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئۆمەر ئەييۇب خاننىڭ   تۈركىيەنىڭ ئىسلامئاباد باش ئەلچىسى ئېھسان مۇستافا يۇرداقۇل بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ئالاھىدە ساھەلەرنىڭ بەلگىلەپ چىقىلىشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئەييۇب خان ئۇچرىشىشتا پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ سىجىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە پاكىستاندا پۈتمەس - تۈگىمەس پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا  چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتلەرنىڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىجىل ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار قارارنامىنىڭ تەستىقلىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ھەمدە تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر