ئاپتوموبىل سودىسى % 100 ئاشتى
تۈركىيەدە ئاپتوموبىل سودىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدەيۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى.
1281255
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركەز بانكىسىنىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىدىن كېيىن، دۆلەتلىك ۋە خۇسۇسىي بانكىلارمۇ قەرز ئۆسۈملىرىنى تۆۋەنلەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، سېنتەبىر ئېيىدا ئاپتوموبىل سېتىش ئىشلىرى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 100.67 ئاشتى. سېنتەبىر ئېيىدا سېتىلغان ئاپتوموبىل سانى يىللىق نىسبەتتە % 100.67 ئېشىپ، 35 مىڭ 308 گە يەتتى، يېنىك تىپتىكى سودا ئاپتوموبىل سانى بولسا % 23.03 لىك ئېشىش بىلەن 6 مىڭ 684 كە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.