ئامېرىكىدا دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىگە پۇل جازاسى بېرىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئاپتوموبىل سېتىش رەقەملىرىنى كۆپ كۆرسىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈن دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى Fiat Chrysler غا 40 مىليون دوللارلىق پۇل جازاسى بېرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۆچمە مۈلۈك ۋە پاي چېكى بازارلىرى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كومىتېت تەكشۈرۈش جەريانىدا Fiat Chrysler شىركىتىنىڭ يالغاندىن سېتىش رەقەملىرىنى كۆپ كۆرسىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن، شىركەت بىلەن مۇرەسسەلىشىش نەتىجىسىدە شىركەتكە 40 مىليون دوللارلىق پۇل جازاسى بېرىشنى قارارلاشتۇرغان. شىركەت كومىتېت بىلەن پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل سېتىش باسقۇچلىرىنى ياخشىلاش ۋە تەكشۈرۈشكە يول قويۇش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن.
Fiat Chrysler شىركىتى سودىگەرلەرگە پۇل بېرىپ، سېتىلغان ئاپتوموبىل سانىنى كۆپ كۆرسىتىش ئارقىلىق پاي چېكى بازارلىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتاتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.