گېرمانىيە: تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىمىز ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ياخشى

گېرمانىيە ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى توماس بارېئىس تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1217102
گېرمانىيە: تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىمىز ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ياخشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى توماس بارېئىسنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بارىئېسنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى، زىيارەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى، تۈركىيەدىكى گېرمان شىركەتلىرى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى، بولۇپمۇ تۆمۈر يولى ساھەسىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تەشكىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

توماس بارېئىسنىڭ، «تۈركىيە – گېرمانىيە ئېنېرگىيە مۇنبىرى» دا گېرمانىيە نامىدىن پائالىيەتلەرنى ئېلپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، زىيارەت جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە سىجىل ئېنېرگىيە لايىھەلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بارېئىسنىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى پېتېر ئالتمائېرنىڭ، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنى 2019 – يىلى 23 – ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلىدىغان، «3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – گېرمانىيە ئېنېرگىيە مۇنبىرى» يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى مەسئۇلى سۈپىتىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارېئىسنىڭ ئەنقەرەدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، كەلگۈسى ساياھەت مەۋسۇمىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، زىيارىتى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ گېرمانىيە ۋە گېرمان شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بارېئىسنىڭ، «تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ياخشى، شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە بىلەن ئۇچۇر – ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايمىز» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر