خىتاي ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنى %6.5-6 گىچە قىلىپ بېكىتكەن

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 2019-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنىڭ %6.5-6 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1157155
خىتاي ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنى %6.5-6 گىچە قىلىپ بېكىتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 13-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمىي يىغىنى پايتەخت بېيجىڭدىكى خەلق چوڭ سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ۋە باشقا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن 2 مىڭ 956 ۋەكىل قاتناشتى.

لى كېچياڭ يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، 2019-يىلدا يولغا قويۇلىدىغان ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە سىياسەتلىرى، كەمبەغەللىكنى ئازايتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىلغان خامچوتلار توغرىسىدا توختالدى.

لى كېچياڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ 2019-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى بەلگىلىگەنلىكلىرىنى، ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنىڭ %6 دىن %6.5 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتلەر ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى نىسبەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر