قازاقىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
قازاقىستان، ئوپېك بىلەن ئوپېكقا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك بىلەن ئوپېكقا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 40 مىڭ ۋارىل ئازايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئوپېك ۋە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ 7 – دېكابىردا ۋىيېننا چاقىرىلغان 5 – نۆۋەتلىك ئوېپك ۋە ئوپېكقا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەر يىغىنىدىن كېيىن، 2019 – يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنلۈك ئوتتۇرىچە 1 مىليون 200 مىڭ ۋارىل قىسقارتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، قازاقىستاننىڭ بۇ دائىرىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، قازاقىستاننىڭ يىل بېشىدىن تارتىپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنلۈك 40 مىڭ ۋارىل ئازايتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
قازاقىستاندا يىلدا 80 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.