ئىران ئوپېكنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش قارارلىرىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ئىران نېفىت مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگەنە، تېھران ئامېرىكا ئېمبارگوسى داۋاملىشىدىغانلا بولسا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى توغرىسىدا تۈزۈلىدىغان ھېچقانداق كېلىشىمگە ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –ئىرنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراننېفىت مىنىستىرى زەنگەنە، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا باشلىنىدىغان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – «ئوپېك» نىڭ 175 – نۆۋەتلىك يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئوپېك ئەزالىرى ئارىسىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىش تەكلىپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «نېفىت ئىشلەپچىقرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى خالايدىغان ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ قارارلىرىنى چىقىرىشى كېرەك» دېگەن.
ئوپېك يىغىنىدا چىقىرىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش قارارىدىن ئىراننىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن زەنگەنە، « تېھران ئېمبارگوغا دۇچار بولىدىغانلا بولسا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق كېلىشىمگە ئىشتىراك قىلمايدۇ» دېگەن.
ئوپېكنىڭ ۋىيېننادا بۈگۈن باشلىنىدىغان 175 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىش تەكلىپلىرى ۋە قاتارنىڭ تەشكىلاتتىن ئايرىلىش قارارىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.