تۈركىيە توي ساياھىتى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە توي ساياھىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە توي مۇراسىملىرىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

1044654
تۈركىيە توي ساياھىتى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېقىندىن بۇيان تۈركىيەگە توي ساياھىتى ئۈچۈن كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن توي مۇراسىملىرىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەلەپ سۇنۇۋاتقانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.  بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيى ئىچىدە توي مۇراسىملىرىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن ھىندىستان ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە  ئاشتى. ھىندىستاندىن % 95 لىك ئېشىش بىلەن 93 مىڭ، لىۋاندىن بولسا % 43 لىك ئېشىش بىلەن 155 مىڭ ساياھەتچى تۈركىيەگە كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر