ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىشى قانچە مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرىدۇ؟

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشى (Brexit) بىر كېلىشىم تۈزۈلمەستىن ئەمەلگە ئاشسا، تەرەپلەرنىڭ يىللىق زىيىنى 80 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

928535
ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىشى قانچە مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرىدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئولىۋېر ۋىمەن (Oliver Wyman) بىلەن قانۇنچىلىق شىركىتى كلىفورد چانس (Clifford Chance) ئەنگلىيەنىڭ كېلىشىم تۈزمەستىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندا قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم تۈزمەستىن ئايرىلغان ئەھۋال ئاستىدا پۇل-مۇئامىلە ساھەسى ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرايدىكەن.

ئەنگلىيە 2019-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىر كېلىشىم تۈزۈلمىسە، تەرەپلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ ۋە تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت تاموژنا بېجى ۋە تاموژنىدىن باشقا چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن بىر يىلدا جەمئىي 44 مىليارد دوللار تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مال ساتقان ئەنگلىيە ئېكسپورتچىلىرىمۇ ھەر يىلى 36 مىليارد دوللار تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

باش ۋەزىر تىرېسا مېي ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، تاموژنا ئىتتىپاقىدا قېلىشىغا قارشى تۇرماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا 2017-يىلى دېكابىردا پۇقرالار ھەق-ھوقۇقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۆلىنىدىغان تۆلەملەر ۋە ئىرېلاندىيە ئارىلىدىكى چېگرا مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېمىلاردىن تەشكىل تاپقان مۇزاكىرەلەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم تۈزۈلگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى سودا مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق مۇزاكىرەلەرنىڭ كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر