مىلياردېرلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە كىرىم ئادالەتسىزلىكى

دۇنيا نوپۇسىنىڭ % 1 ىتىگە توغرا كېلىدىغان  ئەڭ باي كىشى بۇلتۇرقى يەر شارى خاراكتېرلىك بايلىقنىڭ % 82 سىگە ئىگە بولدى.

894262
مىلياردېرلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە كىرىم ئادالەتسىزلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنى (ئوكسفام) دۇنيادىكى مىلياردېرلارنىڭ تېز كۆپىيىپ كېتىشى ۋە كىرىم ئادالەتسىزلىكىگە ئالاقىدار دوكلات ئېلان قىلدى.

ئوكسفام تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان «بايلىقنى ئەمەس، خىزمەتنى  مۇكاپاتلاڭ» ناملىق دوكلاتتا،  دۇنيا نوپۇسىنىڭ % 1 ىتىگە توغرا كېلىدىغان  ئەڭ باي كىشىنىڭ بۇلتۇرقى يەر شارى خاراكتېرلىك بايلىقنىڭ % 82 سىگە ئىگە بولغانلىقى، بىراق دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئەڭ يوقسۇل % 50 تىنى تەشكىل قىلىدىغان 3.7 مىليارد كىشىنىڭ بۇ بايلىقتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 2010 – يىلدىن بۇيان مىلياردېرلارنىڭ بايلىقى خىزمەت قىلىدىغان  ئادەتتىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپەيگەن، جۈملىدىن 2016 – يىلى مارتتىن 2017 – يىلى مارتقىچە ھەر ئىككى كۈندە بىر مىلياردېر ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىلياردېرلارنىڭ سانى 2043 كە يەتكەن. 10 مىلياردېردىن 9 ىنى ئەرلەر تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاز پۇل تاپقان ۋە ئەڭ تۆۋەن كىرىملىك ئىشلارغا سېلىنغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مودا ماركىلارنىڭ باش دىرېكتورلىرىنىڭ پەقەت 4 كۈنلۈك مائاشى باڭلادېشتىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.

داۋوس يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغان ئوكسفامنىڭ دىرېكتورى ۋىننى بيانيىما بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مىلياردېرلار سانىنىڭ تېز كۆپىيىپ كېتىشى مۇقىم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەتسىز ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ نەتىجىسىدۇر. بىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىمىزنى تىكىدىغان، تېلېفونلىرىمىزنى ياسايدىغان ۋە يېمەك – ئىچمەكلىرىمىزنى تەييار ھالغا كەلتۈرىدىغان ئىنسانلار مۇقىم ۋە ئەرزان ماللارنى قولغا كەلتۈرۈلۈش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ ھەمدە شىركەتلەر ۋە مىلياردېرلارنىڭ مەبلەغلىرىنى كۆپەيتىش يولىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.»

ئوكسفام ھۆكۈمەتلەرنى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان كىرىم ئادالەتسىزلىكىگە قارشى  كۈرەش ئۈچۈن شېرىكلەر ۋە باش دىرېكتورلارنىڭ كىرىملىرىگە چەكلىمە قويۇشقا، ئوخشاش سەۋىيەدە ئىشقا سېلىش ۋە ئوخشاش سەۋىيەدە مائاش بېرىشكە، باج ئوغرىلىغۇچىلارغا زەربە بېرىشكە ۋە مائارىپقا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر