تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلى

«ئىقتىساد كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

881032
تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيادا ۋە تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن، دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئىجابىي ئۆتكەن 2017 – يىلىدا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتۈش پايدىلىق بولسا كېرەك.

ئالدى بىلەن، تۈركىيە ئىقتىسادى خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن 2016 – يىلىدىن كېيىن، 2017 – يىلىمۇ خېلىلا يۇقىرى نىسبەتتە ئېشىپ، ئوبدانلا ئەسلىگە كەلدى. بۇنى مەيلى قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن بولسۇن، مەيلى ئەمگەك كۈچى بازىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىشقا، ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىدە ۋەياكى ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن بولسۇن، روشەن شەكىلدە كۆرۈۋالالايمىز. تۈركىيە ئىقتىسادى نۆۋەتتە 2017 – يىلىنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن %11.1 لىك ئېشىش نىسبىتى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت بولدى. دەسلەپكى 9 ئايدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئوتتۇرىچە %7.4 لىك ئېشىش بولسا، بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەت مۇشۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پۈتۈن يىلغا يېيىلغان مۇھىم بىر ئۇتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

2018 – 2020 – يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلاندا، تۈركىيەنىڭ 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرى %5.5 دەپ كۆرسىتىلگەنىدى. بىراق، دەسلەپكى ئۈچ چارەكلىك سانلىق مەلۇماتلار، تۆتىنچى چارەك بىلەن بىرلىكتە يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ %5.5 دىن خېلىلا يۇقىرى چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. نۆۋەتتە، تۈركىيەنىڭ 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشى %6.5 بىلەن %7.5 ئارىسىدا بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارالغىنىدا، 2017 – يىلىدا ئىشقا – خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىر ئۇتۇق ھېكايىسىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاخىرقى قېتىم ئېلان قىلىنغان سېنتەبىر مەزگىلى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2017 – يىلى تۈركىيەدە 1 مىليون 233 مىڭ كىشى ئىشقا، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ بىزگە %11.1 لىك ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئومۇمىي قاتلامغا يېيىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئەكس ئەتكەن كەڭ دائىرىلىك بىر ئېشىش بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئىش – خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۇتۇقنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، شۈبھىسىزكى ، 2017 – يىلى بېشىدا ئېلان قىلىنغان ئىش – خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش سەپەرۋەرلىكىدۇر. مەزكۇر سەپەرۋەرلىك دائىرىسىدە ئىش – خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە بېرىلگەن تولۇقلىمىلار، ھازىرقى بۇ ساننىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ يىل ئىش – خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش نىسبىتىدە ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئىشسىزلىق نىسبىتىدە بۇنداق ئەھۋال يوق. بۇنىڭ ئەڭ نېگىزلىك سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئەمگەك كۈچىگە قېتىلغۇچىلار نىسبىتىدىكى ئۆرلەشتۇر؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىش – خىزمەت يارىتىش نىسبىتىدىكى ئېشىش بىلەن پاراللېل ھالدا ئەمگەك كۈچىگە قېتىلىش نىسبىتىدىمۇ ئۆرلەشنىڭ كۆرۈلۈشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ياكى بىر خانىلىق رەقەمگە چۈشۈشىنىڭ يەنە بىر ئاز ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.

ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ قوزغاتقۇچى كۈچى ھېسابلىنىدىغان ئېكسپورتتا بولسا، 2017 – يىلى يەنە مۇھىم ئۆرلەش كۆرۈلدى. 2016 – يىلى 142 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولغان ئېكسپورت، ھازىردىن باشلاپلا 2017 – يىلىدا مۆلچەرلىنىۋاتقان 158 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سىگناللىرىنى بېرىشكە باشلىدى.

2017 – يىلى ئىقتىسادتا ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى پۇل پاخاللىقى بولدى. نويابىر ئېيىدا %12.98 گە يەتكەن پۇل پاخاللىق نىسبىتى، بۇ يىلنىڭ كۆپ قىسمىنى قوش خانىلىق رەقەملەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆتكۈزدى. بىراق، بۇ يەردە بۇ نىسبەتنىڭ غىدىقلىغۇچىسىنىڭ پەقەت ئىچكى دىنامىكىلار ئەمەسلىكىنى تەكىتلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئاشلىق ۋە نېفىت باھاسىدىكى ئېشىش دېگەندەك دۇنياۋى ئامىللار، يەنە بىر تەرەپتىن تاشقى پىرىۋوتتىكى ھەرىكەتلىنىشلەرنىڭ تەسىرى بىزنى قوش خانىلىق پۇل پاخاللىقى نىسبەتلىرىگە دۇچار قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، 2017 – يىلى خامچوت قىزىل رەقىمى مىللىي كىرىمگە نىسبەتەن ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز ئاشقان بولسىمۇ، مائاسترىكت ئۆلچىمى بولغان %3 نىڭ ئاستىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ئوخشاشلا، بۇ يىل دۆلەت قەرزى نىسبىتىمۇ %28.5 بىلەن %60 لىك مائاسترىكت ئۆلچىمىگە ئاساسەن ناھايىتى ياخشى بولدى.

خۇلاسىلىگەندە، 2017 – يىلىغا ئوخشاش 2018 – يىلىنىڭمۇ تۈركىيە ئۈچۈن سىجىل ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىش نىشانىغا يېتىدىغان ئۇتۇقلۇق بىر يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر