«چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى كامىل»

ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە ئىشەنچىسى كامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

836028
«چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى كامىل»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمشەك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار  بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇش ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى  لوندودا زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خام چوتىنىڭ تەستىقلىنىشى، ياۋروپا مەركەز بانكىسىنىڭ قارارى سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىق داۋاملاشماقتا. بۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىمۇ داۋالغۇش كۆرۈلمەكتە. بۇ بىزگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەمما مەن لوندوندا كۆرۈشكەن مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئىگىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىسى كامىل بولۇپ، تاماملانغان مەرسىن پورتى ۋە سىمىت سارىيىدىن ئىبارەت 2 سېلىنما لايىھەسىدىن دۆلىتىمىزگە 1 مىليارد دوللار كىرىم كىرىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، بىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىزنىڭ ئاساسى ئىنتايىن ساغلامدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر