ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۈركىيەگە مۇھتاج

ئامېرىكىنىڭ سابىق باكۇ باش ئەلچىسى ماسېۋ بىرزا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۈركىيەگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

824114
ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۈركىيەگە مۇھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇركاس نېفت شىركىتى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق باكۇ باش ئەلچىسى ماسېۋ بىرزا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە مۇھتاج ھەم بېقىندى دەپ قارايمەن. دەرۋەقە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت تۈركىيە. تۈركىيە ھەر جەھەتتىن ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇدۇلمىسىمۇ ساغلام. ئاخىرىدا كەركۈكنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى تۈركىيە ئارقىلىق داۋاملىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق. ئەڭ مۇھىمى، مۇشۇ نۇقتىغا قانچىلىك دەرىجىدە تېز كېلەلىشىمىزدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر