غۇربەتچىلەر ماركا ئەلچىسى بولىدۇ
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركلەرنىڭ بولۇشى توقۇلما بۇيۇم شىركەتلىرىگە تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى توقۇلما بۇيۇم شىركەتلىرى ئېكسپورت ۋە قوشۇلما قىممەت نىسبىتىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە غۇربەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
شىركەتلەرنىڭ نىشانى غۇربەتچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بولۇپ، ئۇلار بۇ مەقسەتتە مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا سېتىشتا غايەت زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى بازارلارغا تېز سۈرئەتتە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى يىراق شەرققىچە يەتكۈزۈش نىشانىغىمۇ يەتتى.
ئۇلار ئامېرىكىغا لۆڭگە، ياۋروپا ۋە خىتايغا بولسا رەخت ۋە پەردە ئېكسپورت قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.