كۇۋەيت ئىراقتىن تۆلەمنىڭ ئورنىغا تەبىئىي گاز ئېلىشنى قارار قىلدى

كۇۋەيتنىڭ ئىراقتىن ئالىدىغان ئۇرۇش تۆلىمىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئورنىغا كۇۋەيتكە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش تەكلىپىنى ماقۇللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

820162
كۇۋەيت ئىراقتىن تۆلەمنىڭ ئورنىغا تەبىئىي گاز ئېلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت نېفىت، ئېلېكتىر ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرى ئىسام ئەلمەرزۇق، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (شەرقىي گېرمانىيە) بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى (غەربىي گېرمانىيە)  بىرلەشكەنلىكىنىڭ 27 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كۇۋەيتنىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى. ئۇ، مۇراسىم جەريانىدا بايانات بېرىپ، «ئالىدىغان تۆلەمنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ئورنىغا ئىراقتىن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشنى ماقۇللىدۇق» دېدى.

مەرزۇق، تەرەپلەرنىڭ باھاغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، مەسىلىگە ئالاقىدار باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.

ب د ت  تۆلەم كومىتېتى، 2013 – يىلى ئىراقنىڭ 1990 – يىلىدىكى ئىشغال ھەرىكىتى جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كۇۋەيتكە 1 مىليارد 240 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىشى توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانىدى.

ھازىرغىچە ئىراق كۇۋەيتكە 43 مىليارد 500 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىگەن بولۇپ، كۇۋەيت نېفىت ئورگىنىنىڭ زىيانلىرىنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە يەنە 1 مىليارد 240 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىشى قارار قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر