22 – نۆۋەتلىك دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيىدا تۈركىيە

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «22 – نۆۋەتلىك دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيىدا تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

773742
22 – نۆۋەتلىك دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيىدا تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 9 – ئىيۇلدىن 13 – ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئېنېرگىيەنىڭ ئولىمپىكى، دەپمۇ ئاتىلىدىغان 22 – نۆۋەتلىك دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيى، دۇنيا ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى. 70 پەرقلىق دۆلەتتىن ۋەكىل ئىشتىراك قىلغان قۇرۇلتايغا 30 دۆلەتتىن مىنىستىر ۋە 500 شىركەت خوجايىنى ئىشتىراك قىلدى. دۇنيا ئىقتىسادى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازارلىرىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار، نوپۇس كۆپىيىشى، دۇنيا ئېنېرگىيە تەلىپى قاتارلىقلار قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

دۇنيا مىقياسىدا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، قۇرۇلتايدا ئەڭ كۆپ بەس – مۇنازىرە قىلىنغان تېمىلارنىڭ بىرى بولدى. قۇرۇلتايدا، نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – «ئوپېك» نىڭ نېفىت زاپاسلىرىنى قىسقارتىش قارارىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. «ئوپېك» ئاخىرقى قېتىم يانۋار ئېيىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىدىغانلىقى توغرىسىدا باياناتلارنى بەرگەنىدى. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش، نېفىت زاپاسلىرىنى كۈتۈلگىنىدەك خورىتالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىشنى يەنە ئالتە ئاي قىسقارتىش قارار قىلىنغانىدى. نېفىت ئىسكىلات قالدۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يولغا قويۇلغان بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئوپېك» نىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە نېفىت بازارلىرىدا ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

«ئوپېك» نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ سىلانتېس يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشى، 22 – نۆۋەتلىك دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشىنىڭ دۇنيا نېفىت قالدۇقىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى، بازارلاردا نېفىت موللىقى يارىتىپ، يېقىنقى يىللاردا تۆۋەن بولۇپ بولۇپ كېلىۋاتقان نېفىت باھاسىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈۋېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلماقتا.

نېفىت باھالىرىدىكى تۆۋەنلەش نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن مەنپىي ئەھۋال بولسىمۇ، تۈركىيەگە ئوخشاش ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىمپورت يولى ئارقىلىق قامدايدىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئەۋزەللىك ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە دۇنيا مىقياسىدا ئېنېرگىيە تەلىپى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تەلەپنىڭ كۆرۈنەرلىك قىسمىنى ئىمپورت ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلىشى، ئىقتىسادىدا ئېغىر مالىيە يۈكى پەيدا قىلىپ، قىزىل رەقەملەرنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. باھا ئالدىمىزدىكى بىر قانچە يىل بويىچە مۇشۇنداق تۆۋەن بولۇشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، قىزىل رەقەم تۆۋەنلەپ، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار.

تۈركىيە نېفىت باھاسىدىكى تۆۋەنلەشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان تەقدىردە، ئېنېرگىيە ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. مەيلى جۇغراپىيەلىك ئورنى سۇنغان ئەۋزەللىك، مەيلى يىلسېرى زورىيىۋاتقان ئىقتىسادى بىلەن بولسۇن، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن رايوننىڭ ئەڭ مۇۋاپىق دۆلىتى ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ. ھازىرغىچە روياپقا چىقارغان ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرى ۋە شېرىكچىلىكى بىلەنمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئەڭ كونكرېت شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە تېخى يېقىندىلا ھەم ئۆزى ھەم رايوننىڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، رۇسىيە بىلەن تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى؛ ئەزەربەيجان بىلەن تىرانس ئانادولۇ قۇرۇلۇشى لايىھەسى كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، رايوندىكى ئېنېرگىيە مۇۋازىنىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاكتىيورلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولدى. ئېھتىياجى چۈشكەن ئېنېرگىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى مەزكۇر ئىككى قۇرۇلۇش ئارقىلىق تەمىن ئېتىدىغان تۈركىيە، ئېنېرگىيە ساتقۇچى دۆلەتلەرنىڭ تەلەپ بازارلىرىغا كىرىشىدىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.

ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ يىلسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيە تەلىپىگە چارە ئىزدەۋاتقان تۈركىيە، ئاخىرىدا مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۈچلۈك ئېنېرگىيە تەلىپىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمىنى يەرلىك مەنبەلەر ئارقىلىق تەمىنلەشنى نىشان قىلغان بۇ سىياسەت، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى سىرتقا بېقىنىشنى تۆۋەنلىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ماسلىشىش ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ بولۇپمۇ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرىنى ۋە نۆۋەتتە خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى بالدۇرراق ئىقتىساد سېپىگە قوشۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.

تۈركىيەدە نۆۋەتتە ئاققۇيۇ ۋە سنوپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى دانە يادرو ئېنېرگىيەسى لايىھەسى بار. بۇ قۇرۇلۇشلار خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن تەقدىردە، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەلىپىنىڭ %10 لىك قىسمى يادرو ئېنېرگىيەسى ئىستانسىلىرى ئارقىلىق تەمىن ئېتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئېنېرگىيە تەلىپىگە ئاساسەن، سۈرئەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پۈتكۈل پىلان – لايىھە ۋە شېرىكچىلىكلەر، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ناماياندىسى.

22- نۆۋەتلىك دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيى بويىچە تۈركىيە، پۈتكۈل بۇ نىشان ۋە ئىستراتېگىيەنى ياقلىغان ھالدا دىيالوگ ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۈذچلۈك ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسى ئېلىپ باردى. بۇ دائىرىدە تاشلانغان ھەر بىر قەدەم ۋە ئۇرۇنۇش، تۈركىيەنى رايوننىڭ ئېنېرگىيە مەركىزى بولۇش نىشانىغا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر