تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %4.7زورىيىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
خەلقئارا كىرىدېت دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %4.7زورىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كىرىدېت دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch ، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017-يىلى %4.7 زورىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئورگاننىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ئىيۇن ئىندېكسى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «رېفېراندۇمنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە كېيىنكى قېتىملىق سايلامنىڭ 2019-يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن سىياسىي مۇھىت، مەبلەغ ۋە ئىستېمال قاتارلىق ئامىللار ئىقتىسادنىڭ زورىيىشىدا 2019-يىلغىچە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.»
دوكلاتتا ئۆسۈمنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە تاشقى پىرۇۋتنىڭ مۇقىم ھالغا كېلىشى نەتىجىسىدە پۇل پاخاللىق نىسبىتىدە بۇ يىل تۇنجى قېتىم مايدا ئاستىلاش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئورگان ھەم 2018 ھەمدە 2019 يىلى ئۈچۈن ئىقتىسادىي زورىيىش تەخمىنىنى %4.1 قىلىپ بېكىتتى.
خەلقئارا كىرىدېت دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي زورىيىشىنىڭ بۇ يىل %2.3، كېلەر يىلى بولسا %1.3 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.