«تۈركىيە خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز»

قاتار تۈركىيە خەلقىگە كۆپتىن كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

754273
«تۈركىيە خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  قاتارنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سالىم مۇبارەك ئەششافى بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قاتارغا قاراتقان ئىمبارگولىرى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇنداق ھالقىلىق مەزگىلدە قاتارغا ئىزچىل ياردەم قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتارنى ئىزچىل قوللىشىنىڭ تولىمۇ  پايدىلىق بولغانلىقىنى ئېيتقان ئەششافى تۈركىيە بىلەن قاتار ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ چىققان كومىتېتنىڭ سايىسىدا قاتارنىڭ جىددىي ۋە كۈندىلىك ئېھتىياجلىرىنى قامداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقىگە كۆپتىن كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر