خىتايدا «Apple» شىركىتى خادىملىرى ئوغىرىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىندى

خىتايدا «Apple» ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى، تېلېفون نۇمۇرلىرى ۋە «Apple» ھېساب مەلۇماتلىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن توپلاپ ساتقانلىقى ئىلىگىرى سۈرۈلگەن 22 كىىشى نازارەتكە ئېلىندى.

750017
خىتايدا «Apple» شىركىتى خادىملىرى ئوغىرىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئىستېمالچىلارنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى ئوغىرىلاپ سېتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئاساسلىق كۆپ قىسمى «Apple» شىركىتىنىڭ خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان 22 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

«China Daily» نىڭ خەۋەرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جېجىياڭ، گۇاڭدۇڭ، جىياڭشى ۋە فۇجىەن ئۆلكىلىرىدە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ «Apple» ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى، تېلېفون نۇمۇرلىرى ۋە «Apple» ھېساب مەلۇماتلىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن توپلاپ ساتقانلىقى ۋە ئىگىلگەن مەلۇماتلار ئارقىلىق 50 مىليون يۇئەن (تەخمىنەن 26 مىليون لىرا) ئەتراپىدا قانۇنسىز كىرىمگە ئىگە بولغانلىقى بايقالغان.

بىر قانچە ئاي داۋاملاشقان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا 22 كىشىدىن 20 سىنىڭ «Apple» شىركىتى ياكى «Apple» ماگېزىنلىرىدا ئىشلەيدىغانلىقى كۆرۈلگەن.

گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنسىز يوللار بىلەن قولغا چۈشۈرگەن مەلۇماتلارنى تەھدىت سېلىپ پۇل ئۇندۇرۇش ۋە تۆلەم ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلار ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

خىتايدا 1 – ئىيۇندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان تور بىخەتەرلىكى قانۇنىغا بىنائەن كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرى قوغداشقا ئېلىنغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى ئوغىرىلاپ ساتقانلارغا، 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر