تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان چەت ئەللىكلەرگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدۇ

تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ھوقۇقىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

726267
تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان چەت ئەللىكلەرگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تۈركىيە پۇقرالىقى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈرۈشكە دائىر قارارنامە» رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

قارارنامىنىڭ «مۇستەسنا ھالدا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش، ئىلتىماس سۇنۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خەت – ھۆججەتلەر ۋە رەسمىيەتلەر» ماددىسىغا مۇنداق بەلگىلىمە ئىلاۋە قىلىندى:

كۆچمەس مۈلۈك لايىھەسىگە كەم دېگەندە 1.5 مىليون دوللارلىق مەبلەغ بىلەن قېتىلغان ۋە ئۇدا ئۈچ يىل بۇ ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى كاپىتال بازىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان چەت ئەللىكلەرگە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر