رۇس ساياھەتچىلەر تۈركىيەگە بۇ يىل بالدۇر كېلىدۇ

تۈركىيەگە ئادەتتە ئىيۇن، ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا كېلىدىغان رۇس ساياھەتچىلەر بۇ يىل بالدۇر كېلىدۇ.

681818
رۇس ساياھەتچىلەر تۈركىيەگە بۇ يىل بالدۇر كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىن زاكاس قىلىش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيەدىن كېلىدىغان ساياھەتچى سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، رۇسلار ئەڭ كۆپ ئانتاليانى تاللىغان.

2014 – 2015 – يىللىرى تۈركىيەگە 4.5 مىليوندىن ئارتۇق رۇس ساياھەتچى كەلگەنىدى. بۇ رەقەم ھازىردىن باشلاپلا ئانتاليا ئۈچۈن 4 مىليونغا يېقىنلاشتى. رۇس ساياھەتچىلەر مەۋسۇما نىسبەتەن بالدۇر ھېسابلىنىدىغان ئاپرېلدا تۈركىيەگە كېلىشكە باشلايدۇ. رۇسلار قىش ئايلىرىدىمۇ ئاتاليانى مۇھىم ساياھەت مەركىزى دەپ قارايدۇ. رۇسلارنىڭ بايرىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، مارتتىمۇ  ئالدىن زاكاس قىلىش ئىشلىرى يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر