2017: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادتا دۇئېل ئېلان قىلىش يىلى

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى چەت ئەللىك كارخانىچىلارنىڭ بەس – بەستە تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

643479
2017: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادتا دۇئېل ئېلان قىلىش يىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيبەكچى يېقىنقى ئايلاردا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، چەت ئەللىك كارخانىچىلارنىڭ بەس – بەستە تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنى 430 مىليارد دوللارلىق تاشقى سودىسىنىڭ % 10 – 15 لىك قىسمىنى مىللىي پۇل ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ھالغا كەلترۈۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

خەلق بانكىسىنىڭ باش دىرېكتورى ئەلى فۇئات تاشكەسەنئوغلۇ بۇ يىل ئۈچۈن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى. پۇل سىياسىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ بانكا ئۆلسۈملىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تاشكەسەنئوغلۇ: «بازارلار تېخىمۇ جانلىنىدۇ. پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىدا تۈرك لىراسىغا مايىل بولۇش ۋە خەلقىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاڭلىق پوزىتسىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە  پېرېۋوت نىسبىتىدىكى بېسىمغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «پىروسفېرا (ئوت چەمبىرىكى) غا قارىماي ئېكسپورتتا ئۈمىد يېڭىلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى، تېررورلۇق ۋەقەلىرى، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ تەسىرى بىلەن ناھايتى مۇشەققەتلىك بىر يىلنى ئارقىدا قالدۇرغان تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى دېكابىر ئېيدا ئۈمىد بېغىشلىدى. ئېكسپورت دېكابىردا % 9.3 ئېشىپ، 12.82 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇلتۇر ئەڭ كۆپ ئېكسپورت 19 مىليارد 807 مىليون دوللار بىلەن ئاپتوموبىللار بولغانىدى.

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى 2016 – يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى بەرگەن باياناتىدا، «ئەتراپىمىزدىكى ئوت چەمبىرىكىگە قارىماي دېكابىر  ئېيىنى % 8 – 10 لىك ئېشىش بىلەن تاماملايمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر