رۇسلار تۈركىيەگە سەلدەك ئاقماقتا

تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىگە 12  كۈن ئىچىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق رۇس ساياھەتچى كەلدى.

571996
رۇسلار تۈركىيەگە سەلدەك ئاقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تۈركىيەگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان چەكلىمىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن 2 – سېنتەبىر كۈنى موسكۋادىن ئانتالياغا بىۋاسىتە ئۇچۇش باشلانغان ۋە 309 رۇس ساياھەتچى كەلگەنىدى.

2 – سېنتەبىردىن 14 – سېنتەبىرگىچە 239 قېتىملىق ئۇچۇشتا ئانتالياغا 30 مىڭ 859 رۇس ساياھەتچى كەلدى.

ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىغىچە 550 قېتىملىق ئۇچۇشتا 100 مىڭ رۇس ساياھەتچىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

رۇسلارنىڭ قەرەللىك ئۇچۇشلار ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىشىمۇ داۋاملاشماقتا.

بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە رۇسىيەدىن تۈركىيەگە 300 – 350 مىڭ يولۇچىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

رۇس ساياھەتچىلەرنىڭ ئانتاليا ۋە تۈركىيەگە كېلىش ئارزۇسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكى، قوشۇمچە ھاۋا قاتنىشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تەقدىردە، تۈركىيەگە كېلىدىغان رۇسلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر