تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياپونىيەلىك بالىلارغا ئويۇنچۇق ھەدىيە قىلدى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياپونىيەنىڭ كۇماموتو رايونىدا 15 – 16 – ئاپرېل كۈنلىرى 20 – دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان بالىلارغا ئويۇنچۇق تارقىتىپ بەردى.
508439
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئوساكا شۆبىسىنىڭ مۇدىرى جەم ھەسەن ئالدەمىر كۇماموتونىڭ مىنامى ئاسو يېزىسىدىكى چويو بالىلار يەسلىسىدىكى 98 بالىغا ئويۇنچۇق تارقىتىپ بەردى ھەمدە يېزىدىكى يەنە 2 يەسلىدىكى بالىلارغىمۇ ھەدىيە تارقىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتقانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.