باڭلادېش مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

باڭلادېش مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوغرىلىق قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىستىپا بەردى.

452762
باڭلادېش مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى
bangladeş mb istifa.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى ئەتىيئۇرراھمان، بانكىنىڭ نيۇ يوركتىكى ھېساۋاتىدىن 81 مىليون دوللارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

ئەتىيئۇرراھمان ۋەقە توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «پۈتكۈل جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالىمەن» دېدى.

ئوغرىلار ئوغرىلاشنى پىلانلىغان 951 مىليون دوللاردىن پەقەت 81 مىليون دوللارنى ئۆزلىرىنىڭ ھېساۋاتلىرىغا ئاغدۇرۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ئوغرىلانغان 81 مىليون دوللارنىڭ ئالدى بىلەن فىلىپپىندىكى بىر بانكا ھېساۋاتىغا، ئارقىدىن بىر قىسمىنىڭ بىر قىمارخانىنىڭ ھېساۋاتىغا يوللانغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئوغرىلانغان 81 مىليون دوللارنىڭ 30 مىليون دوللىرى بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ فىلىپپىندىكى ھېساۋاتىدا قالدى.

باڭلادېش دائىرىلىرى، پۇللارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ دائىرىدە، باڭلادېش مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئىككى مۇئاۋىن باشلىقىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر