ئامېرىكىلىق مىلياردېر: پۇتىن دائېشتىنمۇ چوڭ تەھدىت

ئامېرىكىلىق مىلياردېر جورج سوروس رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن دائېشتىنمۇ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

431579
ئامېرىكىلىق مىلياردېر: پۇتىن دائېشتىنمۇ چوڭ تەھدىت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوروس ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹ Guardian› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، غەرب رەھبەرلىرىنى رۇسىيە توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «غەرب ئەللىرى پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيەنى دائېشقا قارشى ئۇرۇشتا مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت دەپ قاراپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. ھالبۇكى، پۇتىننىڭ نىشانى ياۋروپاغا سەلدەك ئېقىۋاتقان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تارقىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. رۇسىيە باشتىلا شۇنداق پىلان تۈزگەن، ئەمما يولغا قويمىغان، كېيىنچە ئىشقا ئاشۇردى. پۇتىن تاكتىكىلىق پىلان تۈزۈشكە ئۇستا، لېكىن ئىستىراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ سۈرىيەگە ياۋروپادىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇداخىلە قىلغانلىقىغا ئىشىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سۈرىيەگە مۇداخىلە قىلىشى ئىستىراتېگىيەلىك خاتالىقتۇر. بىراق پۇتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش باسقۇچىنى تېزلىتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى، ئورتاق دۈشمەن دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلى نىيىتىنى يوشۇردى. ئۇكرائىنادىمۇ مىنىسك كېلىشىمنى ئىمزالىغان بولسىمۇ، بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلغانىدى. سۈرىيەدىمۇ شۇنداق قىلدى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى پۇتىننىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقا پىلانىدىكى ئەسلى مۇددىئاسى ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتتى، نەتىجىدە پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى زامان بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ. ھازىرقى مەسىلە قايسى تەرەپنىڭ بۇرۇن يىمىرىلىشىدۇر. رۇسىيە كېلەر يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر