ئامېرىكىدىكى تۈركلەر فەتھۇللاھ گۈلەنگە ئۆيىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكىدىكى تۈركلەر فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ پېنسىلۋانىيەدىكى قورۇسىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ناھايىتى چوڭ ئېكراندىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «دېموكراتىيەنى قوغداش ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش» نامايىشىنى كۆردى ھەم فەتھۇللاھ گۈلەنگە لەنەت ياغدۇردى.