ئەردوغان: ھۆرمەتلىك ترامپ، قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقىدۇر

ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا ئالاقىدار قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 

 

ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەلەرنى كۆرۈپ قايغۇرغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ئىزھار قىلىشنى خالايمەن.

ھۆرمەتلىك ترامپ، قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقىدۇر.

پەلەستىن خەلقىنىڭ جاراھەتلىرىدىن قان ئېقىۋاتقان بىر پەيتتە ئىسرائىلىيەنى قوللاش ماھىيىتىدە بۇنداق بىر قارارنىڭ چىقىرىلىشى، يالغۇز خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشلا ئەمەس، ئىنسانلىق ۋىجدانىغىمۇ ئۇرۇلغان بىر ئېغىر زەربىدۇر.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى ئاداققىچە تەقىپ قىلىمىز.

ئەگەر مۇشۇنداق بىر قەدەم تاشلىنىپ قالسا، دەرھال 5 – 10 كۈن ئىچىدە ئىستانبۇلدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى چاقىرىمىز.

پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى ھەرىكەتلەندۈرىمىز ۋە پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمايمىز.

بۇ بىزنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشىمىزگىچە بېرىپ تاقىلىشى مۇمكىن.