تۈركىيەدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ

تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىشنى سىناق قىلماقتا.

ئالاقىدار تارماقلار، قىسقىچە « İHA» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇ تېجەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، ھەتتا يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىگە دورا چېچىش ۋە ئوغۇتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.