تۈركىيە ئەسكەرلىرى كابۇل ئايرودورۇمىدا بىر بوۋاققا ياردەم قىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەسكەرلىرى ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودورۇمىدا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىككى ئايلىق بىر بوۋاققا ياردەم قىلدى. ئەسكەرلەر ھادىيە ئىسىملىك بوۋاقنى ۋە بوۋاقنىڭ دادىسىنى بىخەتەر رايونغا يەتكۈزۈپ قويدى.