تۈرك ئەسكەرلىرى ئىدلىبقا قاراپ ئاتلاندى

تۈركىيە تانكىلىرى رەيھانلىدىكى ئوغۇلپىنار يېزىسىغا يېقىن جايدىكى چېگرا ساقچى پونكىتىدىن ئۆتتى. تۈرك ئەسكەرلىرى جىلۋەگۆز چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ ئىدلىبقا بېرىش ئۈچۈن ئوغۇلپىنارغا ئورۇنلاشتى. نۇرغۇن تانكا ۋە ھەربىي ئاپتوموبىل رەيھانلىدىكى كۇشاكلى يېزىسىغا يېقىن جايدىكى چېگراغا يۆتكەلدى.