ساراينىڭ لەززەتلىرى- 20 / كاشتانلىق ئىچ پولو

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشخانىلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «كاشتانلىق ئىچ پولو» ئېتىش ئۇسۇلى.

 

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىيى ئاشخانىلىرىنىڭ مەشھۇر تاماقلىرىدىن بىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، بىز سىلەرنى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇنجى پايتەختى بۇرسانى يەنە بىر قېتىم سەيلە قىلدۇرىمىز.

 باش ئاشپەز - ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىم،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالغان بۇرسانىڭ  جۈمەلى قىزىق يېزىسىدا، بۇ ھەپتىكى تامىقىمىز «كاشتانلىق ئىچ پولو» نى ئېتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 

                   

«كاشتانلىق ئىچ پولو» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

 

  • بىر قاچا گۈرۈچ
  • 50 گىرام  پوستى سويۇلغان بادام
  • 50 گىرام قارىغاي ئۇرۇقى
  • 50 گىرام ئانتەپ ياغىقى
  • 50 گىرام كەرەپشە 
  • 100 گىرام كاشتان
  • ئىككى قوشۇق سېرىق ماي
  • تۇز، قارىمۇچ، دارچىن

 

           

بۇ تاماقنىڭ قانداق ئېتىلىدىغانلىقىنى، باش ئاشپەز – ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق سىلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىلەرنى بۇرسا ۋە جۈمەلى قىزىق يېزىسىنى ئايلاندۇرۇپ چىقماقچىمىز.