مەسىھ ئەلى پاشا جامەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەسىھ ئەلى پاشا جامەسى 1585 – يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان. پادىشاھ 3 – مۇراتنىڭ ۋەزىرى مەھمەت مەسىھ پاشا نامىغا سالدۇرۇلغان. ئەسلىدە جامەنىڭ ئىسمى مەسىھ مەھمەت پاشا جامەسى بولۇپ، كېيىنچە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەسىھ ئەلى پاشا جامەسىگە ئۆزگەرگەن.