تۈركىيە ئەسكەرلىرى سومالى قىسىملىرىغا ھەربىي تەلىم بەرمەكتە

تۈركىيە ئەسكەرلىرى مۇغدىشۇدا سومالى قىسىملىرىغا سومالىلىق ھەربىي ئوفىتسېرلەرنى تەربىيەلەپ بېرىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي تەلىم – تەربىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرسى مانا بۇ يەردە.

تۈركىيە ئەسكەرلىرى سومالىي ئارمىيەسىنىڭ ھەر قانداق شارائىتقا ماسلىشالىشى ئۈچۈن ئالاھىدە قاتتىق جىسمانىي مەشىقلەرنى قىلدۇرماقتا.

تۈرك ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى دائىرىسىدە سومالىلىق 100 نەپەر ھەربىي ئوفىتسېر ۋە 50 نەپەر مۇئاۋىن ئوفىتسېر تەلىم ئالماقتا.

تەلىم – تەربىيە دائىرىسىدە ھەر 3 ئايدا بىر دېۋىزىيە تەربىيلىنىپ چىقىدۇ.

تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ئالاھىدە تەلىم تەربىيەسى تۇنجى مېۋىلىرىنى بېرىشكە ناشلىدى.

برىگىدا كوماندىرى ئابدۇللاھى قوشۇمچە سومالى ھەربىي مەكتىپى قوماندانى ۋارسامە تاكار مۇنداق «تۈركىيە ئەسكەرلىرى 3 ئايدا بىر دېۋىزىيە ئەسكەرلىرىمىزنى تەربىيلەپ بەردى. ئۇلارنىڭ تەبىيەسى بىلەن تېخىمۇ ئىنتىزامچان بىر ئارمىيەنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقتىمىز» دېدى.

تۈركىيە ئەسكەرلىرى بېرىۋاتقان تەلىم – تەربىيە پەقەتلا ھەربىي تەلىمدىن ئىبارەت ئەمەس. تارىخ ۋە تۈرك تىلى دەرسلىرىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارماقتا.

بازىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بارلىق قىسىملىرىدىن ئەسكەرلەر بار. دېڭىز ئارمىيەسىمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا.

مۇغدىشۇدىكى تۈركىيە ئارمىيە بازىسىدا يەنە، سومالىلىق ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنمەكتە.

تەربىيە ئالغان سومالىلىق ھەربىي ئوفىتسېرلەر ۋە مۇئاۋىن ئوفىتسېرلەر ئىنتايىن خوشال.

ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئسمائىل ئابدۇللاھ مۇھەممەد: «500 يىل ئىلگىرى سومالى قېيىن ئەھۋالدىكى چاغدا تۈركىيە كېلىپ ياردەم قىلغان ئىدى.بۈگۈنمۇ يەنە قېيىن ئەھۋالدا قالدۇق. تۈركىيە بۇ قېيىن كۈنلىرىمىزدە يەنە يېنىمىزدا بولدى» دېدى.

مۇئاۋىن ھەربىي ئوفىتسېر ۋە ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نەجىپ سەييىد ئەلىمۇ: «تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغانغا رەخمەت ئوقۇيمىز. بىز سىلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز، تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز» دېدى.

تۈركىيە ئەسكەرلىرى بۇ يەردە پەقەتلا تەلىم تەربىيە بەرمەيدۇ، بەلكى نۇرغۇنلىغان ئىنساپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتنىشىدۇ. خۇددى مۇشۇ يەردە بولۇۋاتقانغا ئوخشاش. بۇ مەكتەپتە تاملارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىدى. بويىدى ۋە رەت بويىچە رېمۇنت قىلدى. ھازىر بۇ يەر پاك – پاكىز، ياشلار ئوقۇماقتا.

مەكتەپ مۇدىرى مۇھەممەد يۇسۇف: «تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ يەردە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خوشالمىز ۋە ئىپتىخارلىنىمىز. بىز ئۇلارنى بەك ياخشى كۆردۇق. ئۇلار بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالدى» دېدى.