«شېھىت كاپىتان چەنگىز توپېل ئاقدېڭىز بورىنى-2020» ناملىق مانېۋىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «شېھىت كاپىتان چەنگىز توپېل ئاقدېڭىز بورىنى-2020» ناملىق مانېۋىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ھەر يىلى پىلانلىق شەكىلدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان «شېھىت كاپىتان چەنگىز توپېل ئاقدېڭىز بورىنى» مانېۋىرىنىڭ تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داۋاملشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىرنىڭ 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە بۇ مانېۋىردا قىبرىس - تۈركىيە تىنچلىق ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا مەشىق، ھەمكارلىق ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، تۈركىيەدىن كەلگەن ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇغلۇق ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن  ھۇجۇم، ئۇرۇش ۋە  ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى ئەمەلىي مەشقى ئېلىپ بېرىلغانلىقى،  شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئەترەت ۋەزىپە مانېۋىرى شەكلىدە بىرلەشمە، ئورتاق ۋە ئەمەلىي مەسىقلەرنىڭمۇ ئىجرا قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيەمىڭ يەرلىك  ئىمكانىيەتلىرىگىلا تايىنىپ ياساپ چىققان قورال سىستېمىسى ۋە ئوق-دورىلىرى ئىشلىتىلگەن مانېۋىرنىڭ پىلانلانغاندەك مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.