قىرغىزىستاندا يۈك ئايروپىلانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكېك ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن Boeing 747-400  تىپلىق يۈك ئايروپىلانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇچقۇچى ئىبراھىم گرجان دىرانجى، ياردەمچى ئۇچقۇچى قازىم ئۆندۈل ۋى ئۇچۇش تەخنىك خادىمى ئېھسان كوجا قاتارلىقلار مۇراسىم ئارقىلىق ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى.