قىبرىستىكى كاپالى ماراشنىڭ بىر قىسمى ئېچىلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە كاپالى ماراش رايونىنىڭ بىر قىسمى ئېچىۋېتىلدى. كاپالى ماراشنىڭ بىر قىسمى بۈگۈن (2020-يىلى 8-ئۆكتەبىر) 2019-يىلىدا باشلانغان رېمونت ۋە ئاسىراش خىزمەتلىرىدىن كېيىن خەلققە ئېچىۋېتىلدى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئارىدىن تەخمىنەن يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە كاپالى ماراشقا كىرەلەيدىغان بولدى.