بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى شارقىراتمىدىن سەكرەش مۇسابىقىسى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى پلىۋا دەرياسى بىلەن ۋىرباس دەرياسى بىرلىشىدىغان نۇقتىغا جايلاشقان 21 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شارقىراتما، دۇنيادىكى مەنزىرەسى ئەڭ گۈزەل شارقىراتمىلارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان شارقىراتمىدىن سەكرەش مۇسابىقىسى دۇنيادا تەڭدىشى يوق مۇسابىقىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۆتكەن يىلى بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن 5 مىڭ زىيارەتچى كەلگەن ئىدى.